赛事规程

(维文)2016年哈密伊州赛鸽公棚(秋棚)

发表时间:2016-04-20 20:28:12   浏览数:1021   转到我空间  分享到随写  分享到鸽友社区

 ( كۈزلۈك) تۇنجى نۆۋەتلىك

مۇسابىقە قائىدىسى

باشقۇرغۇچى ئورۇن: قومۇل ئىۋىرغول مۇسابىقە كەپتىرى كەپتەرخانىسى.

نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن: قۇمۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسى

مۇسابىقىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: قومۇل شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى

بىرىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى:

1، كەپتەر ھەۋەسكارلىرىدىن مەزكۇر نىزامنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆزىنى تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ.

2، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر چوقۇم 25 ــــ 50 كۈنلۈك بولغان ساغلام باچكا بولۇشى، 2016- يىللىق مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن پۇت ھالقىسى تاقىشى كېرەك.

3، مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنى كەپتەرخانىمىز بىر تۇتاش ئەملەپ ۋاكسىنىلايدۇ، كەپتەر ئىگىلىرىدىن ئۆزى ئەملەپ ۋاكسىنىلىغانلار كەپتەرنى تاپشۇرغان چاغدا چوقۇم ئۇقتۇرۇشى كېرەك. تۇرۇشلۇق رايوندا جىددى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقالسا قوبۇل قىلىنمايدۇ.

4، كەپتەر ئىگىسى مۇسابىقە كەپتىرىنى كەپتەرخانىمىزغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر قائىدە يەنى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كەپتەر ئىگىسى كەپتىرىنى تاپشۇرخانىمىزغا تاپشۇرغاندىن كېيىن ئارىلىقتا قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، تاپشۇرغان كەپتەر كەپتەرخانىمىزغا كىرگەندىن كېيىن كەپتەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆزئارا گۇرۇپپا بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مۇسابىقە كەپتىرى كەپتەرخانىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى ئۆزگەرتىلمەيدۇ، كەپتەرنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولسا كەپتەرخانىمىزغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم. كەپتەرخانىمىزدا پۈتۈن مۇساپىلىق ئاپتوماتىك كۈزىتىش سېستىمىسى بار.

تەرەپلەر كەپتەر تاپشۇرۇلىدىغان كۈنى ئېلېكتىرونلۇق ھالقا ئېسىشنى مۇشۇ نىزام بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. كەپتەرلەر كۆزىتىش ئۆيىدە كۈزىتىش، رەتكە سېلىش ۋە ۋاكسىنىلاشتىن كېيىن ئاندىن كەپتەرخانىغا كىرگۈزىلىدۇ. ئۇچۇشنى مەشق قىلغاندا ۋە مۇسابىقە قەپىزىدە تۇرغاندا، ئېلېكتىرونلۇق پۇت ھالقىسىنىڭ سەزگۈرلىكىنى يوقاتقان ياكى بۇزۇلۇپ قالغانلىقى بايقالسا، كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ۋە كەپتەرخانىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن، كەپتەرخانىمىز ئېلېكتىرونلۇق پۇت ھالقىسىنى ھەر ۋاقىت يۆتكەشكە ۋە كەپتەر ھەۋەسكارلىرىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

5، كەڭ كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك بېقىش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن، كەپتەرخانىمىز سانغا چەك قويۇپ، رەسمى كەپتەردىن 4000 نى قوبۇل قىلىدۇ.

ئىككىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىراجىتى

1، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ھەربىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1000 يۈەن ( بېقىش ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ).

 2، 80 كىلومېتىرلىق ئۇچۇشنى مەشق قىلىش، قومۇل شەھەرلىك كەپتەرچىلەر جىمئىيىتى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرىدىن قۇرۇلغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە توردا ئېلان قىلىنغان ئەمەلىي كەپتەر سانى بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ نامىدىكى بارلىق مۇسابىقە كەپتەرلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1000 يۈەن ( ئوخشاش بىر كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدىكى مۇسابىقە كەپتىرىنى ئايرىۋېتىپ ھەق تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ ) نى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر ھەۋەسكارلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەق تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە، مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن ۋازكەچتى دەپ قارىلىپ، كەپتەرخانىمىز تەرىپىدىن بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە توردا ئېلان قىلىنىدۇ. كەپتەرخانمىز ھەرقانداق شەكىلدىكى كېلىشىم كەپتەرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ.

3، 80 كىلومېتىرلىق ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ مەشققە قويۇپ بېرىش ۋاقتىدا رېپىر ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى ( ئىختىيارىي تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ) تەكلىپ قىلىنىپ، قويۇپ بېرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ نازارەت قىلىدۇ، كەپتەرخانىمىز ئۇلارغا مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلىما بېرىدۇ. مۇسابىقە كەپتەرلىرىنىڭ  ماھارەت كۆرسىتىش ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەپتەرخانىمىزنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق مەشققە قويۇپ بېرىشىدە يۈتۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ئۆزلىكىدىن شاللىنىپ كەتتى دەپ قارىلىدۇ. كەپتەرخانىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

ئۈچىنچى، مۇسابىقە كەپتىرىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە تاپشۇرۇۋېلىش ئورنى

1، مۇسابىقە كەپتىرىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى: 2016- يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2016- يىل 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، ھېيت- بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھاردۇق ئېلىنمايدۇ، پۈتۈن كۈن ئىش بېجىرىلىدۇ.

2، تاپشۇرۇۋېلىش ئورنى: شىنجاڭ قومۇل شەھىرى غەربىتاغ ئات فېرمىسى قوشتىكەن باغۋەنچىلىك مەيدانى 12- ئەترەت 125- قورو ( يەرلىكنىڭ كەپتەرلىرىنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يىغىۋالىمىز).

3، مۇسابىقە كەپتىرى كەپتەرخانىسىنىڭ كەپتەر يىغىش ئىشلىرىنى ئالاقىلاشقۇچىسى : شا پىڭخوڭ   يانفۇن: 13999688832، 13999035558

4، باشقا رايونلاردىكى مۇسابىقە كەپتەرلىرى ئايرۇپىلان، ئاپتوموبىل ئارقىلىق توشۇلغاندا، كەپتەرخانىمىزنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىش توغرىسىدا ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك. ھاۋا تىرانسىپورتى ھەققى، ئاپتوموبىل تىرانسىپورت ھەققى، كارانتىن ھەقلىرىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى رايونلارنىڭ كەپتەر يىغىش ۋاكالەتچىلىرى بۇنى كەپتەر ھەۋەسكارلىرىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك، كەپتەرخانىمىز بۇ خىراجەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

5، فاكىس: 0902ـــــ 2262148

6، مۇسابىقىگە قاتنىنىش ھەققىنى تۆۋەندىكى بەلگىلەنگەن ھېسابات نومۇرىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، پۇلنى يوللىغاندىن كېيىن، پۇل يوللاش تالونىنى فاكىس ئارقىلىق كەپتەرخانىمىزغا يوللاپ تېلېفۇن نومۇرىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئالاقىلىشقۇچى: بى چىڭشەن  تېلېفۇن نومۇرى: 13999035558

بانكا كارتا نومۇرى:

سودا- سانائەت بانكىسى: 373 1360 1100 2630 6212         كارتا ئىگىسى: بى يۈخۇا

يېزا ئىگىلىك بانكىسى:    571  3353 8875   4836 6228  

كارتا ئىگىسى: بى يۈخۇا

 قۇرۇلۇش بانكىسى:         608 0167  7000  8145   6210

كارتا ئىگىسى: بى يۈخۇا

جوڭگو بانكىسى:            988  8583  0002  8583    6217 

كارتا ئىگىسى: بى يۈخۇا

تۆتىنچى، مۇسابىقە تۈرلىرى، ۋاقتى، ئورنى

1، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى، تەييارلىق مۇسابىقىسى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، كوماندىلار ئارا مۇسابىقە، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى

2، 200 كىلومېتىرلىق تەييارلىق مۇسابىقىسى (ئوتتۇرا لوپنۇر تاشيولى 235 ) 10- ئاينىڭ بېشىدا.

3، 300 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە (ئوتتۇرا لوپنۇر   تاشيولى 346 ) 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا.

4، 500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە (ئوتتۇرا لوپنۇر  تاشيولى551 ) 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا.

5، 80 كىلومېتىرلىق پۈتۈن كەپتەرخانا بويىچە مەشققە قويۇپ بېرىش ھەققى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، كوماندىلار گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ. 6-8 غىچە كەپتەر تاپشۇرغانلار كوللىكتىپ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ ( مەشققە قويۇپ بېرىش جەريانىدا ئۇچۇپ يوقاپ كېتىش ياكى كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن كەپتىرى ئالتىدىن كېمىيىپ كەتكەنلەر يەنىلا كوماندىلار ئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ)، كەپتەرنى كۆپ تاپشۇرغانلار ABC بويىچە…… كېيىنكىلىرىمۇ مۇشۇ بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنسە بولىدۇ ، كەپتەر ئىگىسى ئۈچ كۈندىن كېيىنمۇ كەپتەرخانىمىزغا ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرمىسا، كەپتەرخانىمىزنىڭ كومپىيوتورى ئاپتوماتىك ھالدا رەتكە تىزىپ گۇرۇپپىغا بۆلىدۇ ھەمدە پۇت ھالقا نومۇرىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ھالقا نومۇرى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىلمەيدۇ. كوماندىلار ئارا مۇسابىقە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىن ئىلگىرىكى 400 كەپتەر ئىچىدە كەپتىرى كۆپلەر ئۇتقان ھېساپلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى ئوخشاش بولۇپ قالسا، 1- قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قېتىم سانى ئارقىلىق بېكىتىلىپ، ئالدىدىكىسى يەڭگەن ھېساپلىنىدۇ ( ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ مۇسابىقە دائىرىسىگە كىرگەن ئىككىدىن ئارتۇق كەپتەر كوللىكتىپ بولالايدۇ).

6، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسىدە تەييارلىق مۇسابىقىسى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردىكى سۈرئەت تېزلىكى ئۆزئارا قوشۇلۇپ، سۈرئىتى يۇقىرى بولغانلىرى ئۇتقان ھېساپلىنىدۇ. سۈرئىتى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئىسىم تەرتىپى بويىچە ئالدىنقىسى يەڭگەن ھېساپلىنىدۇ.

7، تەييارلىق مۇسابىقە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كەپتەر قويۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھاۋارايىغا دۇچكەلگەندە، كەپتەرخانىمىز مۇسابىقە ۋاقتىنى تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق. ۋاقتى كەلگەندە تور بېتى ياكى تېلېفۇن ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلسە بولىدۇ.

بەشىنچى، ئۇچۇشتا بەسلەشتۈرۈش چارىسى

1، جوڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان « پوچتا كەپتىرىنى ئۇچۇشتا بەسلەشتۈرۈش قائىدىسى ۋە رېپىرلىك قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇسابىقىنى ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارە ئېلىپ بارىمىز.

2، مۇسابىقىگە قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسى، قومۇل شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى رېپىر ئەۋەتكەن رېپىر رېپىرلىك قىلىدۇ، كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى نەق مەيداندا كەپتەرلەرنى يىغىش، قويۇپ بېرىشنى نازارەت قىلىدۇ.

مۇسابىقە كەپتىرى قايتىپ كېلىش جەريانىدا ئېلېكتىرونلۇق تەسۋىر ئارقىلىق ۋاقىت ھېساپلاش سېستىمىسىدا تۇيۇقسىز كاشىلا كۆرۈلۈپ مۇسابىقە ئاخىرلاشسا، كاشىلا كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئىسىم تەرتىپىگە كىرگەن ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرنىڭ مۇكاپاتى نەقلەشتۈرۈلىدۇ، مۇكاپات ئالغان كەپتەردىن باشقا قالغان ئىسىم تەرتىپىدىكى مۇكاپاتلار قەپەزدىكى كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىملىنىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، نەق مەيداندىكى رېپىرنىڭ كېسىمى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

4، كەپتەرخانىمىز « بىرىنچى بولغان كەپتەر ھەممە مۇكاپاتقا ئىگە بولۇۋېلىش تۈزۈمى» نى يولغا قويمايدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى قەپەزنى ئاچقان كۈندىن باشلاپ 2- كۈنى سائەت 21 گىچە بولىدۇ ( شۇ كۈنى قەپەزگە قايتىپ كەلمىگەن كەپتەر ئۈستىدىن رېپىرلار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېسىمى چىقىرىدۇ، قەپەزگە كىرگەن كەپتەرلەرگە مۇكاپات تەڭ تەقسىملىنىدۇ). ئىسىم تەرتىپى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە  تولۇق يوللانمىسا، قالغان مۇكاپات ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەپەزگە كىرگەن كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىملىنىدۇ ( مۇكاپات ئالغان كەپتەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، كوماندىلار ئارا ئېرىشكەن مۇكاپات، كەپتەر شاھى مۇكاپاتى بۇنىڭ سىرتىدا.

5، مۇسابىقىنىڭ ئادىل، توغرا ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە پېچەت سېلىنغان بىر قېتىملىق پۇت ھالقىسى  ئىشلىتىلىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى قەپەزگە كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ھالقا پېچەتلىنىپ، مۇسابىقە كەپتىرى ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوڭ ئېكراندا دەسلەپكى نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ، رېپىر كەپتەرنى تەكشۈرگەندە، ئىسىم تەرتىپىدىكى كەپتەرنىڭ پۇتىدىكى ھالقىنىڭ پېچىتى ئېچىلىپ كەتكەنلىكى بايقالسا، شۇ مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ نەتىجىسى بىكار قىلىنىپ، ئىسىم تەرتىپى ئۇنىڭ كەينىدىكى كەپتەرنىڭ ئىسىم تەرتىپى بويىچە داۋاملىشىدۇ.

6، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كەپتەر كۆرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى، باشقا يۇرتلۇق كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كەپتەرلىرىنى خالىغان چاغدا كۆرۈۋالسا بولىدۇ.

7، مەزكۇر توختام ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى ياكى باشقا ئالدىن كۆرگىلى، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار ( مەسىلەن، قۇش زۇكىمى، يەر تەۋرەش قاتارلىق) غا دۇچكېلىپ، مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇش مۈمكىن بولمىغاندا مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى كەپتەرخانىدىكى كەپتەر سانى بويىچە قايتۇرۇلىدۇ ( بېقىش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ )، كەپتەرخانىمىز ھېچقانداق تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. باشقۇرغۇچى ئورۇن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ.

ئالتىنچى، قوبۇل قىلىنىش ئىسىم تەرتىپى ۋە مۇكاپاتلاش چارىسى

1، مۇكاپاتنى تەقسىملەش:

(1) 200 كىلومېتىرلىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىغا ئالدىنقى 50 نەپىرى قوبۇل قىلىنىپ بۇنىڭ ئىچىدىن ئالدىنقى   ئۈچىسىگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات تەقسىماتى تۆۋەندىكىچە:

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4— 50 غىچە

 مۇكاپات جەمئىسى

5000

3000

2000

1000

57000

    (2) 300 كىلومېتىرلىق تەييارلىق مۇسابىقىسىغا ئالدىنقى 100 نەپىرى قوبۇل قىلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئالدىنقى   ئۈچىسىگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات تەقسىماتى تۆۋەندىكىچە:

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4— 100 غىچە

 مۇكاپات جەمئىسى

5000

3000

2000

1000

107000

    (3) 500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا ئالدىنقى 400 نەپىرى قوبۇل قىلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئالدىنقى   ئونىغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات تەقسىماتى تۆۋەندىكىچە:

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4-10غىچە

 11ـ20غىچە

21-400غىچە

مۇكاپات جەمئىسى

90000

50000

30000

10000

8000

6000

2600000

    (4) كىچىك كوللىكتىپ مۇسابىقە: ئوخشاش بىر مۇسابىقىگە قاتناشقان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ نامىدىكى 6- 8 گىچە  كەپتەر بىر گۇرۇپپا قىلىنىدۇ، سانى كۆپلىرى  A, B, C\ D……بويىچە  ئايرىلىدۇ. 80 كىلومېتىرلىق  مەشققە قويۇپ بېرىشتە يەتتە كۈن ئىچىدە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ، كۆپ ئادەم بىر بولۇۋېلىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشكە يول قويۇلمايدۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، كومپىيوتوردىكى تەرتىپ بويىچە ئاپتوماتىك ھالدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدىدىكى 400 نەپەردىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى كۆپ بولغىنى ئۇتىدۇ، مەسىلەن: كەپتەر سانى ئوخشاش، لېكىن ( مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق كەپتەر ) ئەڭ دەسلەپ كەلگەن كەپتەر  ئۇتىدۇ. ئالدىن قوبۇل قىلىنغان 20 كەپتەردىن ئون كەپتەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات تەقسىماتى تۆۋەندىكىچە:

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4-10غىچە

11-20غىچە

مۇكاپات جەمئىسى

10000

10000

10000

5000

3000

95000

     (5) چوڭ كوماندا مۇسابىقىسى: ئوخشاش بىر مۇسابىقىگە قاتناشقان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ نامىدىكى30 كەپتەر بىر گۇرۇپپا قىلىنىدۇ، سانى كۆپلىرى  A, B, C D……بويىچە  ئايرىلىدۇ. 80 كىلومېتىرلىق مەشققە قويۇپ بېرىشتە يەتتە كۈن ئىچىدە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ، كۆپ ئادەم بىر بولۇۋېلىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشكە يول قويۇلمايدۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، كومپىيوتوردىكى تەرتىپ بويىچە ئاپتوماتىك ھالدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدىدىكى 400 نەپەردىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى كۆپ بولغىنى ئۇتىدۇ ( مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق كەپتەر). مەسىلەن: كەپتەر سانى ئوخشاش، لېكىن ئەڭ دەسلەپ كەلگەن كەپتەر  ئۇتىدۇ. ئالدىنقى   قوبۇل قىلىنغان ئۈچىسىگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات تەقسىماتى تۆۋەندىكىچە:

 

  چىمپىيون

ئىككىنچى دەرىجىلىك

ئۈچىنچى دەرىجىلىك

مۇكاپات جەمئىسى (يۈەن)

30000

20000

10000

60000

(6) ئۈچ مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان كەپتەر شاھى: بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى، تەييارلىق مۇسابىقىسى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى سۈرئىتىنى ئۆزئارا قوشقاندا نەتىجىسى يۇقىرى يۇقىرى بولغىنى يېڭىدۇ، سۈرئىتى ئوخشاش بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغىنى يېڭىدۇ. ئالدىن قوبۇل قىلىنغان ئونىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات تەقسىماتى تۆۋەندىكىچە:

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4- 10غىچە

جەمئىي مۇكاپات ( يۈەن)

5000

3000

2000

1000

17000

يۇقارقى تۈرلۈك مۇسابىقىلارنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى خەلق پۇلىدا ئىككى مىليون 936مىڭ يۈەن.

ئىزاھات: بارلىق مۇكاپاتنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

يەتتىنچى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرلەرنىڭ تەۋەلىكى

1، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن، كۈن تاللاپ مۇكاپات تارقىتىش ۋە باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش يىغىنى ( ۋاقتى بىلەن ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرىلىدۇ ) ئېچىلىدۇ. سىرتتىن كېلىدىغان كەپتەر ھەۋەسكارلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتىرىنى نەق مەيداندا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشسا، كەپتەرخانىمىز ياتاق- تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ. تكىم ئارتۇق سودىسىدىكى  باھانىڭ %60 تى كەپتەر ئىگىسىگە، %30 تى كەپتەرخانىمىزغا قالىدۇ، % 10تى تەشكىلىي خىراجەت ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. كىم ئارتۇق سودىسغا قاتناشقان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر نەسەپ ئىسپاتىنى ھازىرلىشى لازىم. 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان كەپتەرنىڭ باشلىنىش باھاسى 1000 يۈەن بولىدۇ، كىم ئارتۇق سودىسىدىكى كەپتەرنىڭ ئىگىسى باشلىنىش باھاسىنىڭ %40 نى تاپشۇرغاندىن كېيىن قالغان ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىش كارتىسىغا ئاساسەن ھەقسىز ئېلىپ كېتىلسە بولىدۇ. سىرتتىن كەلگەن كەپتەر ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقە كەپتىرىنى ئېلىپ قايتقاندا كىراسىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. رەسمىيەتنى بېجىرمەي ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، كەپتەرخانىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار. مۇسابىقىدىن كېيىنكى 20 كۈن ئىچىدە شىركىتىمىز كېچىكىپ قايتقان كەپتەر ۋە  كىم ئارتۇق سودىسىدىكى كەپتەرنى تونۇپ ئېلىۋېلىش خىزمىتىنى قايتا بېجىرمەيدۇ، كەپتەرخانىمىز ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىدۇ.

2، كەپتەرخانىمىز مۇسابىقىگە قاتنىشىش كارتىسىنى پوچتىدىن قايتا ئەۋەتمەيدۇ، كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى، پۇل تاپشۇرغانلىق ياكى بانكىدىن ئەۋەتىلگەن پۇلنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن مۇكاپات پۇلىنى ۋە كىم ئارتۇق سودىسىدىكى كەپتىرىنى، كېچىكىپ قايتىپ كەلگەن كەپتەرلىرىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ.

سەككىزىنچى، مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

1، 2015- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن باشقا كاتەككە ئۇچۇپ كەتكەن، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، تەسادىبىي زىيانغا ئۇچرىغان كەپتەرلەر توغرىسىدا كەپتەرخانىمىز كەپتەر ئىگىلىرىگە تولۇقلاپ يوللاشنى ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، ۋاقتىدە تولۇقلىمىغانلار ۋازكەچتى دەپ قارىلىدۇ.

2، كەپتەرخانىمىز مۇسابىقىدىن بۇرۇن 5 ـــ 150 كىلومېتىرغىچە، ئاز دىگەندە 12 قېتىم ئۇچۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارىدۇ، تەييارلىق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەپتەرخانىمىز نورمال ھالەتتىكى ئائىلىدە ئۇچۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارىدۇ، ئائىلىدە ئۇچۇرۇش مەشقى ئارىلىقىدا كەپتەردىن چاتاق چىقسا نورمال شاللاندى دەپ قارىلىدۇ، كەپتەرخانىمىز جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3، « ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارە » بولۇشتەك مۇسابىقە پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرنىڭ ئىگىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش، تەييارلىق مۇسابىقە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر تۇتاش قويۇپ بېرىش جەريانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىختىيارى قاتنىشىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، كەسپداشلىرى بىلەن بىللە مۇسابىقىنى نازارەت قىلسا ۋە جوڭخۇا پوچتا كەپتىرى تورىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلسا بولىدۇ.

4، « ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىپ كۆندۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس، داۋالاشنى قوشۇمچە قىلىش » پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىلىدۇ.

5، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يىغىلغان كەپتەرنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، مۇكاپات پۇلى ۋە مۇسابىقە قائىدىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

توققۇزىنچى، باشقا ئىشلار

1، كەپتەرخانىمىزنىڭ كەپتەر يىغىش تىزىملىكى ۋە مەشققە قويۇپ بېرىش، مۇسابىقە ۋاقتى توردا ئېلان قىلىنىدۇ، كەڭ كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ كەپتەرخانىمىزنىڭ تور بېكىتىگە ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ تۇرۇشۇڭىزلارنى سورايمىز.

2، مەزكۇر قائىدىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى قومۇل ئىۋىرغول مۇسابىقە كەپتىرى كەپتەرخانىسىدا.

قوشۇمچە: ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى ۋاكالىتەن يىغىشقا مەسئۇل بولغۇچىلار ۋە ئالاقىلىشىش شەكلى:

كەپتەرخانا مەسئۇلى: بى چىڭشەن  يانفۇن: 13999035558

تېخنىكا مەسلىھەتچىسى: جاڭ ۋەنفۇ ( شەندوڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفىسسورى )

تېرېنېر: ما يىڭچۈەن

فاكىس:  0902 ـــ  2262148

ئادرىس: قومۇل شەھىرى غەربىي تاغ يېزىسى ئات فېرمىسى قوشتىكەن باغۋەنچىلىك مەيدانى 12- ئەترەت 125- قورو

تور ئادرىسى: hmyz.chinaxinge.com

          http:xjyzsg.saige.com/      

 

 

 

رايون

كەپتەر يىغىش مەسئۇلى

ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى

رايون

كەپتەر يىغىش مەسئۇلى

ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى

بېيجىڭ

لياڭ فۇچېن

13701118205

قاراشەھەر

گوۋ يەنجۈن

13319965405

دۇنخۇاڭ

چېن خەيجوڭ

13993713655

لوپنۇر

گاۋ جياڭيەن

13565066969

ئۈرۇمچى

ياڭ بو

15999100030

چەرچەن

قۇربانجان

18096846111

 

زەي جىنسوڭ

18957999188

ئاقسۇ

ۋاڭ دوڭسەي

13399056262

 

يۈ بياۋجۈن

13999128802

 

ليۇ يىڭ

13325515086

 

ماۋ پىڭلياڭ

13999293906

 

تاڭ خۇاچيوڭ

15199605588

شىخەنزە

يىن شياڭجۈن

13899526740

شايار

ئېلى

13709971196

 

كەپتەرچىلەر كۇلۇبى

18999333213

كۇچا

ما تيەنروڭ

13999665175

غۇلجا

ما يۈنلەي

13909993770

خوتەن

لى جىنسوڭ

13119036777

چۆچەك

يۈ خۇيۋېن

15276886866

 

84-كەپتەر ياتىقى

13899454434

كۇيتۇن

گاۋ جيەن

18609922988

كېرىيە

بەيدۇلا

13999433399

سانجى

پەن خۇ

13399947890

 

قادىر

15999041998

تۇرپان

جاڭ خوڭۋېن

13999045062

پوسكام

ياڭ فەن

15292928887

 

ليۇ شۇېلىن

13699912965

خېجىڭ

ۋۇ شېڭۋۇ

13909968138

 

ياڭ جيەن

13909950221

قاراماي

ياۋ جۈن

18309901100

پىچان

ۋاڭ گاڭ

18099951720

توقسۇن

ئابلىكىم

13999047080

 

تا جېنفېڭ

18909959698

 

بەي مۇئەللىم

15809953697

كورلا

جوۋ لۇن

180995815377

چىتەي

جاڭ فاجۈن

13899662858

 

گوۋ شياۋيوڭ

18997608956

خوتەن

روزى ئەخمەت

13899450108

 

ليۇ بوجوڭ

15199022336

 

 

 

 

免责声明:本网凡是由用户发布的文字、图片、音视频等资料,其真实性、准确性和合法性由信息发布人自行承担,并负法律责任。赛鸽资讯网不提供任何保证,并不承担任何法律责任。
相关文章
评论列表
用户名: 密码:     立即注册